Uyghur主要词典
ئايا
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئايىماق، ئاياش. قەدىرلىمەك، رەھىم قىلماق، ئىززەتلىمەك.
تاغارنى تۆۋىدە ئايىغۇچە، ئاغزىدا ئايا (ماقال). * سىيىر سىيلىغاننى بىلمەيدۇ، يامان ئايىغاننى (ماقال). * تاي ئايىغان ئات مىنەر، كىيىم ئايىغان تون كىيەر (ماقال). * ھارىقىمنى ئايىمايمەن، ئەقلىڭنى ئايايمەن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىملىق.
خىتاب قىلىپ ئېيتىلىدۇ.
ئايا دوستلار، قۇلاق سېلىڭلار، دۈشمەنگەئىچ ئاغرىتىش _ ئۆزىگە جاپا سېلىشتۇر.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەي! ... ھەي !...
سوراق ۋە ئەجەبلىنىشنى بىلدۈرگۈچى ياردەمچى سۆز: ئەجەبا، ئۇنداقتا؛ ياكى، بەلكى، ئېھتىمال مەنىلىرىدە كېلىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
1( ئايىماق، ھۈرمەت قىلماق؛ ئالقان؛ 2) ئۈندەش سۆز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
پارىسچە
«ھەي» گە قاراڭ.
ئايا دوستلار، بىر سۆزۈم بار قۇلاق سېلىڭ، ۋەتەن مېھرى جاندىن ئەزىز بىلدىڭىزمۇ؟