Uyghur主要词典
ئاۋرورا كېرەيسىرى
دۇنيا تارىخى
روسىيە بالتىق دېڭىز فلوتنىڭ ھەربىي پاراخوتى. ئۆكتەبر ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ داڭقى چىققان. 1900-يىلى ياسىلىپ سۇغا چۈشۈرۈلگەن. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدا پاراخوتتىكى ماتروسلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چار پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كۈرىشىگە قاتناشقان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ھارپىسىدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پاراخوتىن پېتروگرادتىن كەتكۈزۈۋېتىشنى قەستلەش بۇيرۇقىنى رەت قىلغان. 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ يوليورۇقىنى قوبۇل قىلىپ، نىكولايېۋ كۆۋرۈكىنى ئىشغال قىلىپ، قوزغىلاڭنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتىلك قىلغان. بۇيرۇققا بىنائەن ئەتىسى ئاخشىمى سائەت 9 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە توپ ئېتىپ، قىشلىق سارايغا ھۇجۇم قىلىشقا سىگنال بەرگەن. غەلىبىدىن كېيىن پاراخوتتىكى ماتروسلار موسكۋادىكى قوراللىق قوزغىلاڭ ۋە ئىچكى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1923-يىلى بۇ پاراخوت بالتىق دېڭىز فىلوتىنىڭ تەلىم - تەربىيە ئەترىتىگە كىرگۈزۈلگەن. 1948-يىلى ناسىموۋ ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇلغان. 1957-يىلى مەركىزىي دېڭىز ئارمىيە مۇزېيىنىڭ شۆبىسى قىلىپ ياسالغان.