Uyghur主要词典
ئاۋانگارت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتتە ئالدىدا يۈرگۈچى.
<ئىلغار> سەۋىيىسى يۇقىرى، ئۈلگە بولغۇچىغا قارىتىلىدۇ.
<مۇنەۋۋەر> ئەخلاق ۋە بىلىمدە ياخشى بولغان كىشىگە قارىتىلىدۇ.
بىر تال گۈل بىلەن باھار بولمايدۇ، بىرلا ئادەم ئىلغار بولسا، ھامان يالغۇزلۇق قىلىپ قالىدۇ. مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا ياشلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇكاپاتلاندى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
روسچە، فرانسوزچە
ئى. ھەربىي كۈچلەرنىڭ ياكى ھەربىي پاراخوتنىڭ دۈشمەنگە قارشى يۈرۈشتە ئالدىنقى سەپكە بارىدىغان ئىلغار قىسمى.
سۈپ. كۆچمە. ئىلغار.
ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان ئاۋانگارت جەڭچى.