Uyghur主要词典
ئاۋسترالىيە ئىسلام مۇدىرىيىتى ئىتتىپاقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئاۋسترالىيىدىكى مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى تەشكىلاتى بولۇپ، 1964 - يىلى قۇرۇلغان ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتى ئىتتىپاقى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسى بولدى، 1976 - يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ ھازىرقى نام بىلەن ئاتالدى. مەقسىتى: مەملىكەت ئىچىدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ خىزمىتىنى ۋە پائالىيىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي، مەنىۋى ۋە پاراۋانلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات 3 - دەرىجىلىك مۇدىرىيەت (تەۋەلىكىدىكى 44 يەرلىك جەمئىيەت) ۋە ئاۋسترالىيە ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىدىن تەركىب تاپتى. كاتىبات باشقارمىسى سىنندا. جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىسلام دىنىنى تەرغىب مۇدىرىيىتىگە ئەزا.