Uyghur主要词典
ئاۋا خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅣ ئەسىردىن ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بىرمىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىرما مىللىتىنىڭ فېئوداللىق خاندانلىقى. 1364-يىلى ساگائىڭ خان جەمەتىدىن تادومىنبيا ساگائىڭ بەگلىكى بىلەن پىنيا بەگلىكىنى بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن قۇرغان بولۇپ، ئاۋا(ھازىرقى ماندالاي ئەتراپى)نى پايتەخت قىلغان. مىنكيىس ۋاساۋكې تەختتە ئولتۇرغان چاغدا(1368-1401) يۇقىرقى بىرمىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ھەمدە جەنۇبتىكى ئاراكان بەگلىكىنى كونترول قىلغان. 1386-1425-يىللىرى ئاۋا خاندانلىقى تۆۋەنكى بىرمىدىكى پېگو خاندانلىقى بىلەن ئۇزاققىچە ئۇرۇش قىلغان، تارىختا بۇ <40 يىللىق ئۇرۇش> دەپ ئاتالغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن. 1527-يىلى پايتەخت ئاۋا شەنزۇلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 1555-يىلى تونگو خاندانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان