Uyghur主要词典
ئاۋارە
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سەرسان، سەرگەردان، ئىگە - چاقىسىز، ماكانسىز، ساياق؛ بەخسىز، قىيىنچىلىقتا قالغان؛ ھېساپ - كىتاپ دەپتىرى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر كەسىپ تۇتماي، بىر يەردە ماكان تۇتماي، ئۇ ياق _ بۇ ياققا بېرىپ - كېلىپ يۈرگۈچى.
«ئەلكېزەر» قەشقەر شېۋىسىدە، «بۇرالقى» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ھەق بولمىغان ھايات ئاۋارە، سەرسان. ئادەمنى سەرسان قىلغان ئاللانىمۇ سەرسان قىلار. يار دەردىدە سەرگەردان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
بىرەر جايدا تىنىم تاپالمىغان؛ سەرسان - سەرگەردان.
باقساڭ مېنىڭدەك دىۋانىلەرگە، ئىسيان چۆلىدە ئاۋارىلەرگە.
بىرەر ئىش - ھەرىكەت بىلەن بەند، مەشغۇل.
ھازىر ھەر ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن ئاۋارە.
ئامالسىز، بىچارە؛ قىينالمىغان.
ۋا يا داچەن دەردىدىن ئاۋارىمۇسەن؟ ياكى ئوغرى، بۇلاڭچى قاراقچىمۇ سەن.
ئاجىز، ئورۇق، جۇدەڭگۈ.
ئاۋارە قوي، ئاۋارە ئات.