Uyghur主要词典
ئاڭسىز خىيال
پسىخولوگىيە
(ئىختىيارسىز خىيال دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بۇ ئالدىن بەلگىلەنگەن مەقسىتى بولمىغان، مەلۇم خىلدىكى غىدىقلىغۇچ تەسىرىدە ئىختىيارسىز ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان خىيالدۇر. ئاڭسىز خىيال ئەڭ ئاددىي، ئىپتىدائىي شەكلىدىكى خىيالدۇر. مەسىلەن: بىر كىشى سۆزلىگەن ھىكايىنى ئاڭلاۋېتىپ ھىكايىدىكى مەلۇم مەنزىرە توغرىسىدا خىيال قىلىشقا ئوخشاش. ئاڭسىز خىيالنىڭ ئەڭ تۆۋەن مىسالى چۈشتۇر.