Uyghur主要词典
ئاساسىي مائارىپنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى
领域: شىنجاڭ مائارىپىمائارىپ تارىخى
1987 - يىلى 9 - ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي مائارىپنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) يېزا (بازار، مەيدان) تۆت دەرىجىلىك مەكتەپ قۇرۇپ، تۆت دەرىجىگە بۆلۈپ باشقۇرۇشنى بۇنىڭدا يەنە ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىنى ئاساس قىلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغان. يېزا (بازار، مەيدان) نىڭ باشقۇرۇشىدا ھەر خىل يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەر، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر، يېزىلىق مەركىزىي بالىلار باغچىسى، دېھقان - چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە تولۇقسىز كەسپىي مەكتەپلەر بولغان. ناھىيە (شەھەر) لەر بولسا بىۋاستە قاراشلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى، بالىلار باغچىسىنى، ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بالىلارغا كونسۇلتاتسىيە قىلىپ بېرىش كۇرسلىرنى، مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ۋە كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلەرنى باشقۇرغان. ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لەر بىۋاستە
قاراشلىق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ، بالىلار باغچىلىرى، گاس - گاچىلار ئالاھىدە مائارىپى مەكتىپى قاتارلىقلارنى باشقۇرغان. ئاساسىي مائارىپنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ئۆتمۈشتىكى ئاساسىي مائارىپنى ھەدىدىن زىيادە مەركەزلىك باشقۇرۇش، ھەدىدىن زىيادە كۆتۈرۈپ ئېلىش، ھەدىدىن زىيادە ئۆلۈك باشقۇرۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتتى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。