Uyghur主要词典
ئاساسىي ماددا
بىئولوگىيە
<ستروما> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلارنىڭ تەكشى ھەم مىكروسكوپىك تۈزۈلۈشى بولمىغان قىسمىنى كۆرسىتىدۇ، ئاقسىل ھەم ئۇنىڭ تۇغۇندىلىرى (يېپىشقاق ئاقسىل ۋە قەنت ئاقسىلى قاتارلىقلار). كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، مايلار، نىئورگانىك تۇزلار ۋە سۇ مولېكۇلىلىرى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ تەركىبى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما خىللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاشمايدۇ. ھالىتىمۇ بىردەك بولمايدۇ. بەزىلىرى يېرىم ئاقما سۇيۇقلۇق، بەزىلىرى مەزمۇت ھەم ئېلاستىك بولىدۇ ۋەھاكازلار... بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىدىكى بارلىق شەكىللىك تەركىبلەر، مەسىلەن، ئوخشىمىغان خىلدىكى ھۈجەيرىلەر ۋە تالالارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي ماددىغا كۆمۈلۈپ تۇرىدۇ، ئاساسىي ماددا شەكىللىك تەركىبلەرنى ئۆزىنىڭ مۇھىم فۇنكسىيىلىرىنى ئورۇنلىشى ئۈچۈن پايدىلىق سىرتقى مۇھىت شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھۈجەيرە ياكى ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرىدىكى بىر قىسىم تۈزۈلۈشسىز، تەكشى، سۈزۈك بولغان تۇتاش فازىلارمۇ ئاساسىي ماددا دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، سىتوپلازما ئاساسىي ماددىسى، يادرو ئاساسىي ماددىسى، خلوروپلاست ئاساسىي ماددىسى قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئورگانىك ماددىلار، نىئورگانىك تۇز قاتارلىقلار ئېرىگەن بولۇپ، شەكىللىك تەركىبلەر شۇنىڭغا چۆكۈپ (كۆمۈلۈپ) ياكى لەيلەپ تۇرىدۇ.
دۇنيا تارىخى
1871-يىلى چېخ بۇرژۇئا ئۆكتىچىلىرى ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ھابىسبۇرگ سۇلالىسى بىلەن تۈزگەن مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ماددىسى. ئۇنىڭدا ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنى ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە - سلاۋيان ئىمپېرىيىسىگە ئۆزگەرتىش؛ چېخ قانۇن تۈزۈش يىغىنى ئورنىتىش؛ چېخ ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلىش؛ پۈتكۈل ئىمپېرىيىگە ئالاقىدار بولغان ئىشلاردىن باشقا ئىشلارنى چېخلار ئۆزى ھەل قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان. لېكىن ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان.