Uyghur主要词典
ئاسان ئوت ئالىدىغان ئاسان پارتلايدىغان ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئېلېكتر، يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىگە ياكى ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان باشقا ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەت خەۋپسىزلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئېلېكتر، يېقىلغۇ گاز ياكى باشقا ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبېيكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
118 - ماددا ئېلېكتر، يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىگە ياكى ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان باشقا ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. 119 - ماددا 1 - تارماق قاتناش ۋاسىتىلىرى، قاتناش ئەسلىھەلىرى، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىگە، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.