Uyghur主要词典
ئاس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يۇڭى ئاق رەڭلىك ۋە يۇمشاق كەلگەن بىر خىل ھايۋان ۋە ئۇنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن جۇۋا؛
سىبىرىيە تەرەپتىكى بىر ۋىلايەتنىڭ نامى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تۈگمەن تېشى.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئېھتىمال، بەلكىم شۇنداق بولسا كېرەك، شۇنداق چاغۋا دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ، جۈملە ئالدىغا ياكى كەينىگە كېلىدىغان قوشۇمچە سۆز. مەسىلەن: ئاس، شۇنداق چاغۋا، شۇنداققا ئوخشايدۇ، ئاس.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەرس، ئاق سۆسەر. «ز _ ز» بىلەنمۇ ئېيتىلىدۇ. چۆرىلەرمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ.
1 - 110
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى رىمنىڭ پۇل ۋە ئېغىرلىق بىرلىكى. مىس پۇل. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە ياسالغان بولۇپ، ئېغىرلىقى 45.327 گرامغا توغرا كېلىدۇ. مىلادىدىن 268 يىل ئىلگىرى كۈمۈش پۇل قۇيۇلۇشتىن بۇرۇن رىمدىكى بىردىنبىر پۇل بولۇپ، ئاساسەن مەملىكەت ئىچىدىكى سودا - سېتىقتا ئىشلىتىلگەن. كۈمۈش پۇل دېنارىئو ۋە سىستېرىت مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، مىس پۇل پارچە پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. <ئېھتىمال، بەلكىم، شۇنداق بولسا كېرەك. شۇنداق چېغى بار…> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
سۆسەر