Uyghur主要词典
ئاررىئان
دۇنيا تارىخى
(لاتىنچە ئىسمى FlaviusArrianus، تەخمىنەن مىلادى 95 - 175) قەدىمكى يۇنانلىق تارىخشۇناس، پەيلاسوپ ۋە گېنېرال. ئاخىرقى مەزگىلدىكى ستوئىكچى پەيلاسوپ ئېپىكتېتىنىڭ شاگىرتى. كىچىك ئاسىيادىكى نىكومىدىيە (ھازىرقى تۈركىيىدىكى ئىزمىر) دە تۇغۇلغان، 126-يىلى رىم پۇقرالىقى ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. تەخمىنەن 131 - 137-يىللىرى كاپپا دوكىيە (كىچىك ئاسىيادا) نىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئالانىلارنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرگەن. پادىشاھ ھادرىئاننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن، قوشۇن باشلاپ جەڭگە چىققان. 138-يىلىدىن كېيىن مەخسۇس ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. 146-يىلى ئافىنا كونسۇللۇقىغا تەيىنلەنگەن. «ئالېكساندرنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى» (يەتتە توم)، «ھىندىستان خاتىرىسى»، «قارا دېڭىز يۈرۈش خاتىرىسى» ۋە ئېپىكتېتىنىڭ پەلسەپىسى، ئېتىكا ماقالىلەر توپلىمىنى تەھرىرلىگەن ۋە ئۇنىڭ باھالاپ ئىزاھلىغان ئەسەرلىرى بار.