Uyghur主要词典
ئاررېنىئۇس
دۇنيا تارىخى
(1859 - 1927) شۋېتسىيە خىمىكى، فىزىكى. ھازىرقى زامان فىزىكا، خىمىيىسىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. ئوپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1886 - 1890-يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گېرمانىيە، گوللاندىيىدە خىزمەت قىلغان.1895 - 1904-يىللىرى ئوپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1905 - 1907-يىللىرى فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئېلېكترولىز نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلىپ، 1903-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كىسلاتا - ئاساس نەزەرىيىسى، خىمىيىۋى رېئاكسىيە نەزەرىيىسى، خىمىيىۋى كنېتىكا، بىئوخىمىيە ۋە ئاسترونومىيە جەھەتتە تۆھپە قوشقان. «ئېرىتىش نەزەرىيىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.