Uyghur主要词典
ئارراس ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
نىدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدە، غەربىي جەنۇبتىكى بىر قانچە ئۆلكىنىڭ ئاقسۆڭەك ۋەكىللىرى 1579-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئارراس (ھازىر فرانسىيىگە قاراشلىق) شەھىرىدە تۈزگەن ئىتتىپاق. ئۇنىڭدا نىدېرلاندىيىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى ئاستىدا، ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ نىڭ نىدىرلاندىيىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش؛ كاتولىك دىنى مۇقەددەس ۋە دەخلىسىز قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىتتىپاق نىدېرلاندىيە باش ۋالىيسى ئالېكساندر فارنېس (1545 - 1592) بىلەن رەسمىي مۇرەسسەلىشىپ، 1585-يىلى جەنۇبتىكى فراندرىيە ۋە برابانت قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى ئىنقىلابنى ئورتاق ئۇجۇقتۇرغان.