Uyghur主要词典
ئارىيەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئار - نومۇس، ئىززەت - نەپس.
ئۇيات، شەرم.
ئەسلى ئۆزىنىڭ بولمىغان بىرەر نەرسىنى ۋاقىتلىق سوراپ ئېلىش.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆتنە؛ ئۆتنە پۇل؛ يالغان، سۈنئى؛ ۋاقىتلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قايتۇرۇش شەرتى بىلەن بېرىلگەن - ئېلىنغان نەرسە.
«لاپقۇت» ئىش - ئەمگەك ئۈستىدىكى ئېلىم - بېرىم.
«نېسى» ھەققىنى نەق ئالماي، قەرز قالدۇرۇشقا ئېيتىلىدۇ.
بۆرە قەرزىنى تېرىسى بىلەن تۆلەر. قەرزى يوق گاداي شاھزادىن ئازادە. بۇ جاھان - ئۆتنە جاھان. ئاش - ئۆتنە، ئىش - لاپقۇت، ئۆتۈككە ئاپقۇت. شىر چىشىنى ئارىيەت بەرمەس. يېڭىسىنى ئارىيەت ئالغاندىن كونىسىنى يۇغان ئەلا. نېسى ساتقاننىڭ ھالى خاراب، قالىدۇ قۇرۇق دەپتەرگە قاراپ. نېسى يېمە گۆشنى، ئاغرىتىدۇ تۆشنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆتنە، قەرز.
ئۇلارغا باشقىلارنىڭ ئۆيىنى ۋاقىتلىق ئارىيەتكە ئېلىپ ئولتۇرماستىن باشقا ئامال قالمىدى.