Uyghur主要词典
ئارېس
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئۇرۇش خۇداسى. باش خۇدا زېۋىس بىلەن خانىكە ھېرانىڭ ئوغلى. ئۇ قەددى - قامىتى كېلىشكەن، بېشىغا ئالتۇن قالپاق، ئۇچىسىغا تۇچ ساۋۇت ۋە دۇبۇيلغا كىيگەن، قولىدا ئۇزۇن نەيزە ۋە قالغان تۇتقان قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇ بەك ۋەھشىي، ئۇرۇشخۇمار بولۇپ، جەڭ قىلغاندا جەڭ ھارۋىسىدا ئولتۇرىدىكەن ياكى پىيادە ماڭىدىكەن. «تېررورلۇق»، «يېڭىلىپ قېچىش» (دېموس)، «جېدەل - ماجىرا»، «پاراكەندىچىلىك»، «شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىش» قاتارلىق بەش مۇدھىش تەڭرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدىكەن. ئولىمپىس تېغى (يۇناننىڭ شىمالىدا) دا تۇرىدىكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ ئاتىسى زېۋىسنىمۇ بىزار قىلغانىكەن. رىم ئەپسانىلىرىدە ئۇ مارىس دەپ ئاتىلىدۇ.