Uyghur主要词典
ئارىنى بۇزماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يامانلاشتۇرماق، ئارىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈرمەك، ئاداۋەت سالماق: لۇتپۇللا ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم خەت يازدى. جاۋاب كەلمىگىنىگە ئۇنىڭ ئىچى پۇشتى. بۇنىڭدا زادى نېمە سىر بار، ياكى قوشئاۋاتتا قالغان زۇلپىيە ئارىنى بۇزدىمۇ؟
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۈرمەك، بۇزماق.
ئارىنى بۇزماق. ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالماق _ دوستلۇق - ئىتتىپاقلىقنى يامانلاشتۇرماق. ئويۇن - چاقچاق تۈپەيلى، ئۆزئارا بىئەق بولۇپ قالسا، ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە، ئارىمىزغا ئوت ياقتى. بىر ياخشى ئۆتۈۋاتاتتوق، ئۇ كېلىپ ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سېلىپ قويدى. ئارىغا تەپرىقە سالىدىغاننى ئارىغا ئالما. ئۇ دۈشمەنلىك قىلىپ، ئارىمىزغا قىچا چاچتى.