Uyghur主要词典
ئارغۇردى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ھارغۇزدى.
ئول ئاتىن ئارغۇردى _ ئۇ ئېتىنى ھارغۇزدى ( ئارغۇرۇر _ ئارغۇرماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كۆڭلۈم ئاڭار قاينايۇ
ئىچتىن ئاڭار ئوينايۇ
كەلدى ماڭا بوينايۇ
ئويناپ مەنى ئارغۇرۇر
{كۆڭلۈم ئۇنىڭغا قايناپ (جۇش ئۇرۇپ)،
ئىچتىن (ئۆينىڭ ئىچىدە) ئۇنىڭ بىلەن ئويناپ،
كەلدى ماڭا نازلىنىپ،
ئويناپ مېنى ھارغۇزدى.}
ئۆيدە سۆيۈملۈكۈم بىلەن ئويناشقاندا، كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، ئۇ يېنىمغا مەغرۇرانە كەلدى، مەن بىلەن ئويناپ مېنى ھارغۇزۇۋەتتى.
1 - 301