Uyghur主要词典
ئارغامچا سىزىقچا مەدەنىيىتى
领域: دۇنيا تارىخىياپونىيىنىڭ يېڭى تاش قورال دەۋرىدىكى مەدەنىيەت. ساپال قاچىلارنىڭ ئۈستىنى پۈتۈنلەي ئارغامچا سىزىقچىسى ياكى ئارغامچا سىزىقچىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان سىزىقلار بىلەن بېزەلگەنلىكى ئۈچۈن، <ئارغامچا سىزىقچىسى تىپلىق ساپال قاچىلار مەدەنىيىتى>، قىسقارتىپ <ئارغامچا سىزىقچىلىر مەدەنىيىتى> دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن ئون مىڭ يىل بۇرۇندىن تارتىپ مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅲ ئەسىرگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، خارابىسى مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە ئۇچرايدۇ. دەسلەپكى مەزگىلى، ئالدىنقى مەزگىلى، ئوتتۇرا مەزگىلى، كېيىنكى مەزگىلى ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدىن ئىبارەت بەش مەزگىلگە بۆلۈش مۇمكىن. شەرقىي قىسىم رايونلار (شەرقىي شىمال) دا ئارغامچا سىزىقچىلىرى مۇرەككەپ؛ غەربىي قىسىم رايونلار (كيۇشۇ ئەتراپى) دا، ئارغامچا سىزىقچىلىرى ئاددىي بولغان. چىقىپ ياسالغان ياكى سۈركەپ ياسالغان تاش قوراللارنى ئىشلەتكەن. يىغىش ۋە بېلىق تۇتۇش بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك شەكلىدۇر.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。