Uyghur主要词典
ئارغۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كالىنىڭ بىر تۈرى. كالىغا قارىغاندا پۇتى قىسقا، تۈكلۈك كېلىدۇ.
«ئارغۇن» كالا بىلەن قوتازدىن چىققان شالغۇت.
قوتاز سۈيتنىڭ قايمقىدىن ئوغلاق دەسسەپ ئۆتسىمۇ پۇتى پاتمايدۇ. توپاز گۆشى ئىسسىق بولىدۇ. ئارغۇننى كۆپەيتىش كالىچىلىقتا مۇھىم ئىش.
شىۋىلەر
شالغۇت، قوتاز بىلەن كالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىققان كالا؛ ئاغمىخان.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئارغۇن، ئاغمىخان.
چاشقان جىنسىغا كىرىدىغان، ئۇزۇنلۇقى يېرىم گەز كېلىدىغان بىر جانۋار. تام يېرىقلىرىدىن قۇچقاچلارنى ئوۋلايدۇ، قويغا ئېتىلسا، قوينىڭ گۆشى سارغىيىدۇ، ئۇخلاۋاتقان ئادەمگە ئېتىلسا، ئۇ ئادەمنىڭ سۈيدۈكى تۇتۇلىدۇ.
1 - 162
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① نەسىللىك؛ ② ياۋا ئات بىلەن نەسىللەنگەن ئارغىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
زوئولوگىيە
قوتاز بىلەن يەرلىك ياكى باشقا نەسىللىك كالىلارنى چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق كېلىپ چىققان 1 - ئەۋلاد شالغۇت.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئارغىماق
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئارغۇن ئات، ئىككى خىل نەسىللىك ئاتنى چېتىشتۇرۇشتىن تۇغۇلغان ئارغىماق.