Uyghur主要词典
ئاراۋكانلار
دۇنيا تارىخى
ماپۇچلار (قۇرۇقلۇقتىكى كىشىلەر دېگەن مەنىدە) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا ياشىغان جەڭگىۋار ئىندىئانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار چىلىدىكى بىئو - بىئو دەرياسى بىلەن تولتېن دەرياسى ئەتراپلىرى ۋە ۋالدىۋىيە، ئانكىۋ قاتارلىق شتاتلاردا ئولتۇراقلاشقان. ⅩⅥ ئەسىردە ماترىئارخاللىق تۈزۈمىدە پاترىئارخاللىق تۈزۈمىگە ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، دېھقانچىلىق كۆممىقوناق، ياڭيۇ قاتارلىقلارنى ئۆستۈرگەن( ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. قوشنا قەبىلىلەر بىلەن سودا قىلغان. ئۇرۇش ۋە ئوۋچىلىق قىلغاندا ھايۋانلارنى تۇتىدىغان سالما ئىشلەتكەن. ئاتا - بوۋىسىغا چوقۇنغان. ھەربىي مائارىپنى يولغاق قويغان. چەتنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇزۇن ۋاقىت قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئەڭ دەسلەپتە ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ تاجاۋۇزى )1448 - 1482( غا قارشى تۇرغان. ⅩⅥ ئەسىردە ئۆزلىرىنىڭ ئاتاقلىق يولباشچىسى لوتارو ۋە كوبىلىكېننىڭ رەھبەرلىكىدە چىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىشىغا زەربە بەرگەن ھەمدە ئۇنى توسۇپ قالغان. 1598-يىلغا كەلگەندە بىئو - بىئو دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىسپانىيە مۇستەمنلىكىچىلىرىنىڭ بارلىق پونكىتلىرىنى بىكار قىلغان. ⅩⅦ ۋە ⅩⅧ ئەسىرلەردىمۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. 1732-، 1740- ۋە 1766-يىللىرى چوڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1773-يىلى ئىسپانىيە شەكىل جەھەتتە ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ھازىرغىچە ئاراۋكانلارنىڭ چىلىدا تەسىر بار.