Uyghur主要词典
ئاران
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئېغىل، قوتان.
ئۇلاغنى ئارانغا ئەكىرىپ قوي.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
1 . تەسلىكتە، مىڭبىر مۇشەققەتتە، ئاران بالالىقتا، ئاران دېگەندە.
يولدىن ئادىشىپ قېلىپ ئاران كەلدىم. * ئاران تۇرۇۋاتىمەن.
2 . پەقەت، يالغۇز، بار - يوقى. بىز بىر ئاتىدىن ئاران ئىككى بالا ئىدۇق. * بۇ ئىشقا ئاران بەش كۈن كەتتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئېغىل، قوتان؛ ھاۋاسى مۆتىدىل يەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئات - ئۇلاغ، مال - ۋاران باقىدىغان ، سولايدىغان يەر.
«ئاتخانا»، «ماخۇ»، «مالخانا» لار ئېتىدىن مەلۇم.
«ئاران» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
قوينى قوتاندا ساقلا، ئاشنى ئورىدا يىلپىز بىلەن ئۆچكە بىر قوتاندا ياشىماس. «ئېغىل بولسىمۇ تازا بولسىۇن. ئاتخانا قانچە يورۇق، تازا بولسا، ئات - ئۇلاغ شۇنچە ياخشى ئارام ئالىدۇ. «گۇڭشې» ۋاقتىدا ھەر بىر شياۋدۈيدە ماخو بولاتتى. مالىخانىنى پۇختا ياساش - مالنى ئاسراش.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قىينىلىپ، زورۇقۇپ.
بىمالال، بەھۇزۇر
قىينالماي، زورۇقماي.
<بىسمىللا> دىن ھايات تاپتىم، بىر چىنە ئاشنى ئاران تاپتىم. بۈگۈنكى ئىشنى زورغا تۈگەتتىم. تۈگمەنگە ئۇن تارتقىلى باردىم، خېلى ياخشى بىمالال بېرىپ كەلدىم. مېھمانلار، بەھۇزۇر ئولتۇرۇشسىلا.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ئېغىل، قوتان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
زور قىيىنچىلىق بىلەن، كۆپ مۇشەققەتتە، تەستە.
ئۇ سېمىزلىكتىن ئېغىرلىشىپ كەتكەن بەدىنىنى ئاران باشقۇرۇپ، يوغان خاپان كاللىسىنى يەرگە ساڭگىلاتقان پېتى يىغىن تۈگىگىچە ئاران چىدىدى.
سەل - پەل، بىلىنەر - بىلىنمەس.
- باھار … باھار، - دېدى ئانا ئاران ئاڭلانغۇدەك بوش ئاۋاز بىلەن پىچىرلاپ.
پەقەت، بار، يالغۇز.
توققۇز ھۇرۇن ھەپتىسىگە ئاران بىر ئېگەر ياسىسا، ئۇ ئۆزى يالغۇز توققۇز ئېگەر ياساپتۇ.