Uyghur主要词典
ئاراي شىرائىشى
دۇنيا تارىخى
(1657 - 1725) ياپونىيىنىڭ ئېدو ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ئالىم. سىياسىئون. سەرگەردان. ئىسمى كويوشمى، تەخەللۇسى شىرائىشى، ئاتىسى ۋاسسال تەۋەلىكىدىن ئاجراپ چىققان سەرگەردان. جۈزى ئېقىمىدىكى كىگې كازۇل (1621 - 1698) نى ئۇستاز تۇتۇپ، كوفو ۋاسسال بېگى توكوگاۋا تسۇناتويا (1662 - 1712) نىڭ كۇڭزىچى ئۆلىماسى بولغان. 1704-يىلى، تسۇناتويا سياگۇين توكوگاۋا كوكىچىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسمىنى ئېنوبوغا ئۆزگەرتكەن. 1709-يىلى (باۋيۇڭنىڭ 6-يىلى) سەردالىققا ۋارىسلىق قىلغان. شىرائىشى شوگناتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. ئېنوبو ئۆلگەندىن كېيىن، يەنە ئۇنىڭ ئوغلى ئېنوكى (1709 - 1716) غا ھەمدەم بولغان. بۇ ئارىلىقتا ساموراي تۈزۈمىنى قايتا تۈزۈپ چىققان، پۇلنى باشقىدىن قۇيغان، كېمىدە سودا قىلىش يېڭى پەرمانىنى تۈزۈپ چىقىپ، مۈلكىي باشقۇرۇش دەۋرىگە كىرگەن. 1716-يىلى (شياڭباۋنىڭ تۇنجى يىلى)، كىشو ۋاسساللىقىدىن چىققان توكوگاۋيوشومۇنى سەردارلىققا ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئىشىدىن چېكىنىپ چىقىپ، مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. «تارىخ ئوقۇشتىن تەسىرات» دېگەن ئەسىرىدە تويوتومى خىدېكىچى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشنى بايان قىلغان؛ يەنە «غەرب خەۋەرلىرى»، «چەت ئەل تىللىرىدىن تەرمىلەر» نى يېزىپ چىقىپ، بېكىنمىچىلىك تۈزۈمى شارائىتىدا غەربكە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا نادىر ئەسىرى «تارىختىن گۇمانلار» نى يازغان، ئەسلى ئورىگىنالى يوقاپ كەتكەن، پەقەت «قەدىمكى تارىخ» تا ئۇنىڭ ياپونىيىنىڭ قەدىمكى تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ۋە تەنقىدىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ يەنە «ئوتۇن كەسلەش» دېگەن مەشھۇر تەرجىمىھالى بار.