Uyghur主要词典
ئاندرىچ
دۇنيا تارىخى
(1892 - 1975) يۇگوسلاۋىيە يازغۇچىسى، بوسنىيىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە ئاۋستىرىيىگە قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، <ياش بوسنىيە> تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئاۋسترىيە ئىمپېراتورىنى ئۆلتۈرۈش ئەنزىسىگە چېتىلىپ قېلىپ، تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، دىپلوماتىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلىپ، باش ئەلچى بولغان. 1911-يىلدىن باشلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى <بوسنىيە ترىلوگىيىسى> ناملىق ئۈچ رومانى <درىنا دەرياسىدكى كۆۋرۈك>، <تېرافونىك خاتىرىسى> ۋە <سارايىۋىدىن كەلگەن ئايال> دىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچدە <درىنا دەرياسىدىكى كۆۋۈرۈك> (1945-يىلى) 1961-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.