Uyghur主要词典
ئاند جېلكوۋىچ
دۇنيا تارىخى
(1755 - 1788). تۈركىيىگە قارشى سېربىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى. ئەسلى ئاۋسترىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1788-يىلى ئاۋستىريە - تۈركىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، سېربىيە پىدائىلار ئارمىيىسىگە قاتناشقان. ئىككى نۆۋەت ئاۋسترىيە ئارمىيىسى بىلەن بېلگرادقا يۈرۈش قىلغان. ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ سېربىيە، باناتتا ئۇرۇش قىلغان، كېيىن تۈركىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەن.