Uyghur主要词典
ئاندىقتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئانت ئىچتى.
ئەر ئاندىقتى _ ئادەم ئىچتى ( ئاندىقار _ ئاندىقماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قويغاشىپ ياتسا ئانىڭ يۈزىڭە
ئالسىقار ئۆگىن ئانىڭ سۆزىڭە
مىڭ كىشى يۇلۇغى بولۇپ ئۇزىڭا
بېرگەلەر ئۆزىن ئانىڭ كۆزىڭە
{قۇچاقلىشىپ ياتسا (قاراپ) ئۇنىڭ يۈزىگە،
ئالدۇرار ئەقلىنى ئۇنىڭ سۆزىگە،
مىڭ كىشى پىدا بولۇپ (ئۇنىڭ) ئۇزلۇقىغا (گۈزەللىكىگە)،
بەرگۈسىدۇر ئۆزىنى (جېنىنى) ئۇنىڭ كۆزىگە.}
ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ، يۈزىگە قاراپ ياتقان كىشى ئۇنىڭ نازى ۋە سۆزلىرىدىن ئەقلىنى يوقىتىپ قويىدۇ، مىڭ جېنى بولسىمۇ، ئۇنىڭ گۈزەللكىگە پىدا قىلىۋېتىدۇ ( ئاندىقار _ ئاندىقماق).
1 - 323