Chinese→Uyghur主要词典
眼
بىئولوگىيە
كۆز
كۆرۈش سەزگۈ ئورگىنى. كۆز ئالمىسى ھەم ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەزالىرىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ئادەمنىڭ كۆز ئالمىسى شار شەكىللىك بولۇپ، ئۇنىڭ كەينى تەرىپى كۆرۈش نېرۋىسى ئارقىلىق مېڭىگە تۇتىشىدۇ ۋە كۆرۈش سەزگۈ ئورگىنىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. كۆز ئالمىسى يەنە كۆز ئالمىسى دىۋارى ۋە نۇر سۇندۇرۇش قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. كۆز ئالمىسى دىۋارى ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنۈپ سىرتقى پەردە مۈڭگۈز پەردە، كۆز ئېقى (ئاقسىللىق پەردە) ، ئوتتۇرا پەردە (رەڭدار پەردە، كىرپىكسىمان پەردە، تومۇرلۇق پەردە) ۋە ئىچكى پەردە (كۆرۈش تور پەردىسى) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆرۈش تور پەردىسىگە كۆرۈش سەزگۈ ھۈجەيرىلىرى تارقالغان بولۇپ، يورۇقلۇق تەسىرىنى سېزەلەيدۇ ھەم كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ غىدىقلىنىشىنى ھاسىل قىلىدۇ. نۇر سۇندۇرۇش قۇرۇلمىسىدا كۆز سۈيى (سۈزۈك، سۇغا ئوخشاش سۇيۇقلۇق)، كۆز گۆھىرى خىروستالىك (قوش كۆپۈنكىلىك ئېلاستىك سۈزۈك تەنە) ، ئەينەك تەنە (سۈزۈك، كوللوئىد قېتىشمىسىغا ئوخشاش ماددا) لار بار. ئۇ ئېنىق، سۈزۈك بولۇپ، ئورۇن ۋە شەكلى نورمال بولغاچقا، نۇر ئاسان ئۆتىدۇ ھەمدە سۇنۇپ فوكۇسلىنىدۇ (مۈڭگۈز پەردىمۇ نۇر سۇندۇرۇش رولىغا ئىگە). ئادەم كۆزىنىڭ قوشۇمچە ئەزالىرى قاپاق (كۆزنىڭ)، بىرىكتۈرگۈچى پەردە، ياش ئاپپاراتى، كۆز مۇسكۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ئاساسلىقى كۆز ئالمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. قاپاق كۆزنىڭ ئالدى تەرىپىدە بولۇپ، ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى قاپاق دەپ ئايرىلىدۇ، يېپىلىپ - ئېچىلالايدۇ، ئۇنىڭ گىرۋەكلىرىدە كىرپىكلەر ئۆسكەن بولۇپ، كۈچلۈك نۇر تەسىرىدىن ۋە غەيرىي نەرسىلەنرىڭ كىرىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. بىرىكتۈرگۈچى پەردە بولسا، قاپاقنىڭ ئىچكى يۈزى ۋە كۆز ئېقىنىڭ سىرتقى يۈزىنى قاپلاپ تۇرىدىغان بىر قەۋەت نېپىز پەردە بولۇپ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ. نەملىكنى ساقلاپ كۆز ئالمىسىنىڭ سۈركىلىشىنى كېمەيتىش رولىغا ئىگە. شۇنداقلا مۈڭگۈز پەردىسىنى نەملەپ ئۇنىڭ سۈزۈكلۈكىنى ساقلايدۇ. ياش بېزى ئادەتتە ياش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ بىرىكتۈرگۈچى پەردىنى يۇيىدۇ، شۇنىڭدەك مۈڭگۈز پەردىنى نەمدەش، باكتېرىيىلەرنى تومۇزلاپ ياللۇغلىنىشتىن مۇداپىئەلىنىش رولىغىمۇ ئىگە. كۆز مۇسكۇلى كۆز چانىقىدا كۆز ئالمىسىنىڭ سىرتقى يۈزىگە ۋە ئۈستۈنكى قاپاققا يېپىشىپ تۇرىدۇ، كۆز ئالمىسىنى ئايلاندۇرالايدۇ. شۇنىڭدەك قاپاقانىڭ ئېچىلىپ - يېپىلىشىنى تەڭشەيدۇ. باشقا ھايۋانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات دەرىجىسى ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن كۆرۈش سەزگۈ ئورگىنى (كۆزى) نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە مۇرەككەپلىك دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلاردا يەنە باشقا تۈزۈلۈشلەر بولىدۇ، مەسىلەن قاسىراقلىقلار ۋە ھاشاراتلارنىڭ ئاددىي كۆزى، مۇرەككەپ كۆزى ۋە توپلانام كۆزى قاتارلىقلار.
تەنتەربىيە
yǎn
كۆ، تۆشۈك، كامارDتېببىي
yǎn
كۆزDدېھقانچىلىق
yǎn
كۆزDئادەم ئاناتومىيىسى
yǎn
كۆزDئۇنىۋېرسال
yǎn
كۆز
قارىماق، كۆز تاشلىماق
بىر قاراپ قويماق، كۆزى چۈشۈپ قالماق
تۆشۈك ئاچماق، تەشمەك
ھالقا، نۇقتا
بوشلۇق )قورشاش شاھمىتىدا ئۇرۇقلار ئارىسىدىكى بوشلۇق(
كۆرۈش قۇۋۋىتى
ئۇدار )مۇزىكىدا(
كۆز )مىقدار سۆز، قۇدۇققا ئىشلىتىلىدۇ(
نازارەت قىلماق