Uyghur主要词典
ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
<شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1775 - 1783-يىللىرىدىكى ئەنگلىيىگە قاراشلىق شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13- مۇستەملىكە رايون خەلقىنىڭ ئەنگىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. يەتتە يىللىق ئۇرۇش (1756 - 1763) تىن كېيىن، ئەنگلىيە شىمالىي ئامېرىكىغا قارىتا ئىقتىسادىي جەھەتتە تالان - تاراج قىلىشى ۋە سىياسىي زۇلۇمنى كۈچەيتكەن. 1765-يىلى <ماركا بېجى قانۇن لايىھىسى> نى ئېلان قىلغان. 1767-يىلى <توۋشېند نىزامى> نى ئېلان قىلغان؛ 1773-يىلى <چاي بېجى قانۇنى> نى ئېلان قىلغان؛ 1774-يىلى يەنە <مەجبۇرلاش قانۇنى> نى ئېلان قىلغان، نەتىجىدە مۇستەملىكە رايونىدىكى خەلقنىڭ كۈچلۈك قاراشلىقى قوزغىلىپ، ھەتتا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. 1774-يىلى فىلادېلفىيىدە بىرىنچى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى چاقىرىلىپ، ئەنگلىيە بىلەن <ئۈچ مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش> (بارلىق تاۋار ئىمپورت - ئېكسپورت ۋە ئىستېمال مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش) قارار قىىنغان. 1775-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى بوستوندىكى لېكسېنگتون ۋە كونكورد خەلقى ئاۋۋال ئەنگلىيە قوشۇنى بىلەن توقۇنۇشۇپ، ئەنگلىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. 5-ئاينىڭ 01-كۈنى فىلادېلفىيىدە ئىككىنچى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى چاقىرىلىپ، <چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى> تەشكىللەش ۋە ۋاشىنگتوننى باش قوماندانلىققا تەيىنلەش قارا قىلىغان. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. 1776-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى <مۇستەقىللىك خىتابنامىسى> نى ماقۇللاپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىغان. كېيىن، ئىنقىلابىي قوشۇن يېڭىۋاشتىن تەشكىل قىلىنىپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتى ئۆزگەرگەن. 1777-يىلى ساراتوگا رايونىدىكى ئۇرۇشتا، ئەنگلىيە قوشۇنلىرى زور چىقىمغا ئۇچراپ، ئامېرىكا ھۇجۇم ۋەزىيىتىگە ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار دىپلوماتىيە جەھەتتە، ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئەنگلىيە بىلەن بولغان زىددىيىتىدىن تولۇق پايدىلانغان ۋە فرانسىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيىلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. ئارقىدىنلا روسىيە، پرۇسسىيە، شۋېتسىيە، دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قوراللىق بىتەرەپ ئىتتىپاقى تۈزۈپ، ئەنگلىيىنى يېتىم ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان. 1781-يىلى، ۋاشىنگتون چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئارقىمۇ ئارقا غەلىبە قىلغان. 10-ئايدا ۋېرگىنىيىنىڭ يورك بازىرىدا ئەنگلىيە قوشۇنلىرى تەسلىم بولۇپ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقان. 1783-يىلى 9-ئايدا ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا <پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، ئەنگلىيە ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان