Uyghur主要词典
ئامېرىكا قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكا خەلقىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىشىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان ۋە سەپەرۋەر قىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلات. Ⅹ Ⅸ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ قانات يايغان. ق 1826 - 1827 - يىللىرى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغۇچى 143 تەشكىلات بالتىمورېدا يىغىن ئېچىپ، قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ جىنايىتىنى ئەيىبلىگەن. 1832-يىلى بوستوندا يېڭى ئېنگلاند قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى قۇرۇلغان، ياندۇرقى يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى فىلاندېلفىيىدە مەملىكەت خاراكتېرلىك تەشكىلات <ئامېرىكا قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى> تەشكىل قىلىنغان. ئارلخۇر تاپپان جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. باش شتايى نيۇيوركتا قۇرۇلغان. ئۇ بارلىق قۇللارنى شەرتسىز، دەرھال ئازاد قىلىشنى؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەرىكىتىنى ئالغا سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان.