Uyghur主要词典
ئامېرىكا مېكسىكا ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
1846 - 1848 - يىللىرىدىكى ئامېرىكىنىڭ مېكسىكىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى. 1835-يىلى مېكسىكا ھۆكۈمىتى تېكساس چېگرىسى ئىچىدە قۇللۇق تۈزۈمىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇنىڭغا ئامېرىكا قۇلدارلىرى نارازى بولۇپ، توپىلاڭ قوزغاشنى پىلانلىغان. 1836-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكىنىڭ يۆلەپ تۇرغۇزۇشنى بىلەن <تېكساس جۇمھۇرىيىتى> قۇرۇلغان. 1844-يىلى، پولك زۇڭتۇڭلۇقغا سايلانغاندىن كېيىن، ئىشغالىيەت رايونىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن باھانە تېپىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش قوزغىغان. 1847-يىلى 9-ئايدا، ئامېرىكا قوشۇنلىرى مېكسىكا شەھىرىنى بېسىۋالغان. 1848-يىلى 2-ئايدا، ئىككى تەرەپ <گۇئادا رۇپپىې ىارگۇ شەتنامىسى> نى ئىمزالىغان ۋە تېكساس، يېڭى مېكسىكا، كالىفورنىيە قاتارلىق جايلارنى ئامېرىكىغا بۆلۈپ بېرىشنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئامېرىكا 1 مىليون 900 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىردىن ئوشۇق كېلىدىغان بۇ زېمىننى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان.