领域: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ بۆكنى خۇيزۇ مۇسۇلمانلىرى كىيىدۇ. بۇ جۇڭگودىكى جەھرىيە سۈلۈكىنىڭ بەلگىسىدۇر. بۆك ئەرەبچە گۈمبەز شەكلىدە بولۇپ، بۆكنىڭ چوققىسىدىكى ئۇچلۇق يەرگە ئاق لاتا ياكى ئاتنىڭ يايلى تىكىپ قويۇلىدۇ. يېپەك مۇنچاق ياسىلىپ « ئاللانىڭ بىرلىكى » ئىپادىلىنىدۇ. بۆكنىڭ چۆرىسىدە ئالتە بۇرجەك بولۇپ، ئالتە ئىمان ئىپادىلىنىدۇ. بۆكنىڭ چۆرىسى ئالتە سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى رەخ بىلەن تىكىلىپ، « ھەممە دىنلارنىڭ ئاللاغا مەنسۇپ » ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق بۆك يېشىل، ئاق، قارا رەڭلىك بولىدۇ. ئىمام، شەيخ، ئاخۇنۇملار يېشىل بۆكنى كىيىدۇ. ياشانغان مۇسۇلمانلار ئاق بۆكنى كىيىدۇ. ياش قۇرامىغا يەتكەنلەر قارا بۆكنى كىيىدۇ.