Uyghur主要词典
ئالتە ئىمان
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى ئالتە ئاساسىي ئەقىدىنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى بولۇپ، (1) ئاللانىڭ بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش؛ (2) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش؛ (3) پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش؛ (4) ئاللا نازىل قىلغان كىتابلارغا، بولۇپمۇ <قۇرئان كەرىم> گە ئىمان كەلتۈرۈش؛ (5) <ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلمەك> كە، ئاخىرەتتىكى سوراققا ئىمان كەلتۈرۈش؛ (6) ئالەمدىكى ھەممە نەرسىنى ئاللانىڭ بۇرۇن پۈتۈۋەتكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلگەن: <ئى مۆمىنلەر! ئاللاغا، ئاللانىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللانىڭ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابىغا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى ئاللا نازىل قىلغان كىتابلارغا (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى ئاللانى، ئاللانىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ> (4 - سۈرىنىڭ 136 - ئايىتى). بۇ ئايەتتە بەش ئىمان تىلغا ئېلىنغان. بەزى فەقىھلەر <تەقدىر> نىمۇ شۇ قاتارغا كىرگۈزۈپ، <ئالتە ئىمان> قىلغان.