مەنىداش سۆزلۈكلەر
مېتال ئېلېمېنت، بەلگىسى Aurum( Au ) , قىزغۇچ سېرىق، پۇل ۋە قىممەتلىك زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدىغان قىممەت باھالىق مېتال.
«ئالتۇن» ئەڭ ئومۇمىي. «زەر» ، «تىللا» ، ماقال - تەمسىل، تۇراقلىق بىرىكمىلەردە ئۇچرايدۇ. بۇلارنى بىر - بىرىگە ئالماشتۇرغىلى
دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ %64 ناھىيە - شەھەرلىرىدە ئالتۇن كانى بار ئىكەن. ئالتۇن يەردە ياتماس، ياخشىلىق يەردە قالماس. ئالتۇن بىلەن بېزىسەڭمۇ ئېشەك يەنىلا ئېشەك. ئاۋۋال بىلىۋېلىپ، كېيىن سۆزلىگىن، زەرنى تېپىپ ئاندىن خەجلەشنى بىلگىن. زەر قەدىرىنى زەگەر بىلىدۇ. تىللا، كۈمۈش چىقىسىمۇ تاشتىن ھەرقاچان، ھەر تاشتا ئالتۇن بولۇشى گۇمان.
领域: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئالتۇن.
1 - 162
领域: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى① ئالتۇن؛ ② زۆھرە ۇيۇلتۇزنىڭ ئىسمى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
领域: خىمىيەئى .مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى Au (Aurum). رەڭگى قىزغۇچ سېرىق، سۇزۇلۇشچان، خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق، پۇل ۋە زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدىغان قىممەت باھالىق، ئەتىۋار مېتال؛ زەر.
سۈپ. كۆچمە. قىممەتلىك، بىباھا، گۈللەنگەن، تەڭدىشى يوق.
ئالتۇن دەۋر. ئالتۇن پەسىل.
سۈپ. كۆچمە. ئالتۇنغا ئوخشاش سارغۇچ قىزىل.
ئەتىياز قۇياشى ئالتۇن نۇرلىرى بىلەن قارلىق دالىلارنى نۇرلاندۇرۇشقا باشلىدى.
领域: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئالتۇن؛ زۆھرە يۇلتۇزنىڭ نامى
领域: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىقىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
دات باسمايدىغان قىممەتلىك مېتال. قىزلارغا چوڭ بولغاندا قىممەتلىك بولسۇن دېگەن ئالىي تىلەك بىلەن قويۇلىدۇ.
领域: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى