Uyghur主要词典
ئالەمنى مالەم قىلماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق ۋارقىراپ - جارقىراپ غەلۋە تېرىپ، ئەنسىزلىك پەيدا قىلماق.
ئۇنىڭ تاينى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئانا ئالەمنى مالەم قىپتۇ. ئۇ ئالەمنى بېشىغا كىيىپ يىغلايتتى. ئالىم ئۇ ياققا ئۆتۈپ، بۇ ياققا ئۆتۈپ ئالەمنى بىر ئالدى. جاھاننى بېشىڭغا كىيىپسەن ئالدىراپ، ئەمدى قاپسەن پۇشمانغا ھالسىراپ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
قالايمىقان ھەرىكەت ۋە ۋارقىرىغان ئاۋاز بىلەن ئەنسىزلىك پەيدا قىلماق: ئۇنىڭ تاينى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئانا ئالەمنى مالەم قىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قالايمىقان ھەرىكەت ۋە ۋارقىرىغان ئاۋاز بىلەن ئەنسىزلىك پەيدا قىلماق.
بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئاتا بولسا ئالەمنى مالەم قىلىپتۇ.