Uyghur主要词典
ئالەم مەقبەرىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پاكىستاندىكى مۇقەددەس جاي بولۇپ، ئورنى پەنجاب ئۆلكىسىدىكى مۇلتان قەدىمىي قەلئەسى يېنىدا. بۇ مەقبەرەنى ئەسلىي سۇلتان غىياسىددىن تۇغلۇق ( 1320 _ يىلدىن 1325_ يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان ) 1320 _ يىلىدىن 1324 _ يىلغىچە سالدۇرغان. غىياسىددىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغلى مۇھەممەد تۇغلۇق ( 1325 _ 1351 _ يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان ) بۇ مەقبەرىنى تەسەۋۋۇپچى ئەۋلىيا شاھ رۇكن ئالەم ( 1251 _ 1335 ) گە تەقدىم قىلغان. بۇ سەككىز بۇرجەك، ئۈچ قەۋەتلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، ئېگىزلىكى 35 مېتىر، يەر يۈزىدىكى دىئامېتىرى 25.5 مېتىر. بىرىنچى قەۋەت تامنىڭ سەككىز بۇرجىكىگە بىردىن ئۇچلۇق مۇنار سېلىنغان. ئىككىنچى قەۋەت قامغا مېھراب شەكلىدە سەككىز ئىشىك قويۇلغان، ئۈچىنچى قەۋەتكە دىئامېتىرى 18 مېتىر كېلىدىغان ئاق گۈمبەز ياسالغان. بۇ مەقبەرەگە پۈتۈنلەي خىش ئىشلىتىلگەن. قىزىل خىش بىلەن قوپۇرۇلغان سىرتقى تامغا كۆك، ئاق سىرلىق ساپاللار ۋە گۈل ئويۇلغان ياغاچ چەمبەر ئورنىتىلغان. مەقبەرەنىڭ بېزىلىشى كۆركەم، ئۇسلۇبى ھەشەمەتلىك بولۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك « ئاغاخان ئىسلام بىناكارلىق مۇكاپاتى » غا ئېرىشكەن.