Uyghur主要词典
ئالەمگە سىغماي كەتمەك
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
(1) ھەددىدىن ئارتۇق، ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال بولماق:قىزىم ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىمدىن ئالەمگە سىغماي كەتتىم. (2) ماختانماق، كۆرەڭلىمەك، تەمەننا قىلماق: - ھېلىقى زومىگەر داداڭ بار ۋاقتىدا ئالەمگە سىغماي كېتىۋېدىڭ، ئەمدى قۇيرۇقۇڭ قىسىلىپ قاپتۇغۇ، - دېدى قاسىم ئۇنىڭغا ئالىيىپ.