Uyghur主要词典
ئاجراتماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<ئاجرىماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ھېيتئاخۇن قوچقارنىڭ تېرىسىنى ئاجرىتىپ، ئالما شېخىغا ئاستى.
پەرقلەندۈرمەك.
قاراپ تۇرغان كىشىگە ئۇنىڭ كۈلكىسى بىلەن يىغىسىنى ئاجرىتىۋېلىش تەس ئىدى.
خالاس قىلماق، قۇتۇلدۇرماق.
بېشىمىزدا دۈشمەنلەر قىلىچىنى ئوينىتار، بۇ دوزاختا نوزۇكنى قانداق بىر جان ئاجرىتار؟!
بىرەر مەقسەت ئۈچۈن ئاتىماق، چىقارماق، بەلگىلىمەك.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىدارىمىز مىڭ يۈەن ئاجراتتى.
ئەھدىنى، نىكاھنى بۇزماق، مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك.
ئۇ قىزىنى 15 يىل ئۆي تۇتقان ئېرىدىن زورلۇق بىلەن ئاجرىتىۋالدى.
<بىئول> جانلىق ئورگانىزىملار تېنىدىكى بەزى ھۈجەيرە، توقۇلما ياكى ئەزالار مەلۇم ئاجرالمىلارنى ئايرىپ چىقارماق.