Uyghur主要词典
ئاجراشماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك.
يېنىشماق، ياراشماق، ئەپلەشمەك
ئۈزۈلگەن ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرمەك.
ئۇلار ئۈزلىشىپتۇ، ئوبدان بوپتۇ. روزاخۇن بۇرۇنقى ئايىلى بىلەن يېنىشىۋاپتۇ دەپ ئاڭلاپ، خوشال بولدۇق. ئەر - خوتۇننىڭ ئاجراشمىقى مۇھەببەتنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈزلەشكەنلەر ئەپلەشسە، بالىلارنىڭ بەختى ئېچىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئاجرىماق> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
ئۇلار ئالدىراپ - تېنەپ بىر - بىرىنىڭ قۇچىقىدىن ئاجراشتى - دە، قاسىم ئاكىغا قاراپ كۈلۈمسىرەشتى.
ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن ئايرىلماق، ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك.
مەۋلاننىڭ خوتۇنى بىلەن ئاجراشقىنىغا تېخى بىر ئايمۇ بولمىغانىدى.