Uyghur主要词典
ئاگامېمنون
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان ئەپسانلىرىدىكى مىكېناي (جەنۇبىي يۇنان) پادىشاھى. ئاترىئۇسنىڭ ئوغلى، مېنېلائوس (رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، سپارتا پادىشاھى) بىلەن بىر تۇغقان. ترويا (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى) شاھزادىسى پارىس مېنېلائوسنىڭ خوتۇنى ھېلېئىننى ئەپقاچقانلىقتىن، يۇنانلىقلار لەشكەر تارتىپ تروياغا يۈرۈش قىلغاندا، ئاگامېمنون بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى بولغان. جەڭ كېمىلىرى ئائولىس (ئوتتۇرا يۇناندىكى بېئوتىيىنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرى) پورتىغا يىغىلىپ يولغا چىقىشنى كۈتۈپ تۇرغاندا، غەزەپلەنگەن ئوۋچىلىق خۇداسى ئارتىمېس دەھشەتلىك بوران چىقىرىپ (ئاگامېمنون ئۇنىڭ ئورمانلىقىدىكى بىر چىپار بۇغىنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانمىش)، ئاگامېمنون قىزى ئېپىگىنانى قۇربان قىلىپ ئوۋچىلىق خۇداسىنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرۇپ، يولغا چىقىشقا مۇيەسسەر بوپتۇ. تروياغا ھۇجۇم قىلىپ ئونىنچى يىلى باش سەركەردە ئاكىللېس بىلەن بىر ئايال ئەسىرنى تالىشىپ تەگىشىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مەغلۇپ بولغىلى تاس قاپتۇ. ئاخىر <ياغاچ ئات ھىيلىسى> بىلەن ترويا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ترويا مەلىكىسى كاسساندارانى (ئولجا سۈپىتىدە) ئېلىپ ۋەتىنىگە زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ خوتۇنى كلېتامنېسترا ئاگىستوس بىلەن بۇرۇندىنلا ئاشنا ئوينايدىكەن، بۇ ئىككىسى تىل بىرىكتۈرۈپ ئاگامېمنون بىلەن كاسساندرانى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئاگامېمنوننىڭ ئوغلى ئورېستىس غەزەپلىنىپ دادسىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئانىسى كلېتامنېسترا بىلەن ئاگىستوسنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئاگامېمنونغا ئائىت ھېكايىلەر توغرىسىدا قەدىمكى يۇنان شائىرلىرى (گومىر، پىندار قاتارلىق) نىڭ ئەسەرلىرى بار. تراگېدىيە يازغۇچىسى ئىخىلنىڭ <ئاگامېمنون> دېگەن ئەسىرى بار (ئۇنىڭدا ئورېستىس يولۇققان ئۈچ پاجىئەنىڭ بىرىنچىسى تەسۋىرلەنگەن).