Uyghur主要词典
ئاگرا جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ھىندىستاندىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى شىمالىي شتاتنىڭ موغۇل سۇلالىسى دەۋرىدە خانلىق شەھىرى بولغان ئاگرا قەلئەسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى 200 مېتىر يەردە. بۇ مەسچىتنى 17 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى موغۇل سۇلالىسىنىڭ شاھى شاھ جاھاننىڭ چوڭ قىزى جاھان ئارا مەلىكە سالدۇرغان. شۇڭا «جاھان ئارا مەسچىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پۈتكۈل مەسچىت يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈلگەن ئېگىزلىككە سېلىنغان. مەسچىت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: ئوتتۇرا قىسمى ئاساسىي ئىمارەت بولۇپ، ئىككى تەرىپى ئاساسىي ئىمارەتتىن تۆۋەن تۇرىدىغان بىر بىرىگە قارشى تۈۋرۈكلىك ئىككى رەت كارىدوردىن ئىبارەت. بۇ كارىدور بىر تەرىپى ئوچۇق چاسا ھويلىنى ئوراپ تۇرىدۇ. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۆت بۇرجىكىگە كۈنلۈكسىمان لەمپە ياسالغان كۆل تەييارلانغان. كۆل ئۇزۇنچاق چاسا بولۇپ، كەڭلىكى 30 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 40 مېتىر كېلىدۇ. كۆلنىڭ ئالدىدا بەش ئەگمە ئىشىك بار. ئىككى چەتتىكى تۆت ئىشىك كىچىكرەك، ئوتتۇرىدىكى ئىشىك ئەڭ چوڭ ھەمدە ئۇنىڭغا ئىنچىكە، ئېگىز ئىككى مۇنار يانداشتۇرۇپ سېلىنغان.