Uyghur主要词典
ئاگاردا دىففۇزىيىلەش تەجرىبىسى
领域: بىئولوگىيەئېرىشچان ئانتىگېن بىلەن ئانتىتېلارنىڭ تەركىبىدە ئېلېكترولىت بولغان يېرىم قاتتىق ئاگار ئىچىدە دىففۇزىيىلىنىشى تەجرىبىسى ياكى كاللەك يېلىمىدا دىففۇزىيىلىنىش تەجرىبىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەنە پروبېركا ئۇسۇلى بىلەن تۈر ئەينەك ئۇسۇلىغا بۆلۈنىدۇ. نۆۋەتتە تۈز ئەينەك ئۇسۇلى كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ تېخنىكا ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تاق يۆنىلىشكىك دىففۇزىيىگە بۆلۈنىدۇ. ئانتىتېلا بىلەن ئاگارنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئەينەك ئۈستىگە يېپىپ قاتقاندىن كېيىن تۆشۈك ئېچىپ، بۇ تۆشۈكتىن ئانتىگېن كىرگۈزگەندە ئانتىگېن تۆت ئەتراپقا دىففۇزىيىلىنىدۇ. دىففۇزىيىلىنىش مۇۋاپىق قويۇقلۇققا يەتكەندە ئانتىتېلا بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ، تۆشۈكنىڭ ئەتراپىدا سۈت رەڭلىك چۆكۈش ھالقىسى پەيدا بولىدۇ، بۇ تاق يۆنىلىشلىك دىففۇزىيە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا چۆكۈش ھالقىسىنىڭ دىئامتېرى ياكى يۈزى ئانتىگېننىڭ قويۇقلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، شۇڭا نامەلۇم ئانتىگېننىڭ قويۇقلۇقى ئۆلچەملىك ئانتىگېن ياكى خەلقئارالىق ئاقسىللىق پايدلىنىش ئەگرى سىزىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆلچىنىدۇ. قوش يۆنىلىشلىك دىففۇزىيىدە ئانتىتېلا ئاگار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلمايدۇ. بىراق ئانتىتېلا بىلەن ئانتىگېننى بىر ۋاقىتتا ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۈز ئەينەك ئۈستىدىكى ئىككى تۆشۈكتىن كىرگۈزگەندە ئىككىسى ئۆز ئارا دىففۇزىيىلىنىپ رېئاكسىيىلىشىدۇ ھەمدە چۆكۈش ھالقىسى ھاسىل قىلىدۇ. چۆكۈش سىزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئىككى قوشنا تۆشۈكتىكى ئانتىگېننىڭ تەركىبىنى بىر ۋاقىتتا سېلىشتۇرغاندا كۆپ خىل ئانتىگېن - ئانتىتېلا مەۋجۇت بولغان سىستېمىدا كۆپلەپ چۆكۈش سىزىقى پەيدا بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئانتىگېن ياكى ئانتىتېلانىڭ ساپلىق دەرىجىسى ئۆلچىنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。