Uyghur主要词典
خۇڭمېن سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى خۇفىيە سۈلۈكىگە مەنسۇپ شۆبە سۈلۈك بولۇپ، نىڭشادىكى خۇڭ خەيرۇ (؟ - 1936) قۇرغان. خانىقاسىنى تۇڭشىن خۇڭگاڭزىغا سالدۇرغان. بۇ ئەسلىي نەقىشبەندىيە دىنىي پىرقىسى بولۇپ، بۇنى خۇڭ فامىلىلىك خۇيزۇ بۇخارالىق ئۆلىمادىن قوبۇل قىلغان. ئۇلارنىڭ زىكر مۇراسىمى ئادەتتە تۆت قەدەمگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى قەدەمدە پەرز ئېلان قىلىنىدۇ. ئادەملەر ئاۋۋال مۇرىشىدنىڭ ئالدىغا يۈكۈنىدۇ. مۇرىشىد بېشىدىكى دەستەر (سەللە) نىڭ بىر ئۇچىنى بىرەيلەننىڭ بوينىغا چىگىپ <ئون پەرز> (ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، قىمار ئوينىماسلىق، جازانىخورلۇق قىلماسلىق، گەپ توشۇماسلىق، ئاياللارنى ئېلىپ - ساتماسلىق، زەھەرلىك چېكىملىك ساتماسلىق، ئاتا - ئانىسىنى خارلىماسلىق، ئوغرىلىق قىلماسلىق، زىنا قىلماسلىق، يىتىمنى بوزەك قىلماسلىق) نى ئېلان قىلىدۇ؛ ئىككىنچى قەدەمدە تۆۋە - ئىستىغپار ئوقۇلىدۇ. ئۈچىنچى قەدەمدە زىكر سېلىنىدۇ. زىكر سېلىش بىلەن بىللە مۇرىشد بارمىقى بىلەن تەلەي پەللىسىنى تىرەپ تۇرىدۇ؛ تۆتىنچى قەدەمدە مۇرىشىد كىشىلەرگە بۇرۇنقى ئۆتكەن مۇرىشىدلارنىڭ ياكى خەلىپىلەرنىڭ تەخەللۇسىنى سۆزلەپ بېرىپ، مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىقنى، مۇتلەق مەخپىي تۇتۇشنى بۇيرۇيدۇ. بۇ سۈلۈكنىڭ ئادەملىرى ئاساسلىقى نىڭشادىكى تۇڭشىن، خەييۈەن، گۇيۈەن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.