Uyghur主要词典
خۇڭ جىڭلەي قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەننىڭ 1811-يىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭ رەھبىرى خۇڭ جىڭلەي 1780 - يىلى پىڭئەن ئۆلكىسىنىڭ لۇڭ گاڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1798-يىلى ئەمەلدارلىق ئىمتىھاندىن ئۆتلەمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىلمۇ ىل ئۇدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولۇپ، پۇقرالار يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ، خانىۋەيران بولغان، بۇ ھال ئۇنىڭ چىرىك ھۆكۈمرانلىققا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى تېخىمۇ قوزغىغان، نەتىجىدە 1809-يىلى يۈي جۈنزې بىلەن بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئەھدىلەشكەن، ئارقىدىنلا جياشەن ناھىيىسىنىڭ دوفۇ غارىنى قوغىلاڭچىلارنىڭ بازىى قىلىشقا لى شىجۇ قاتارلىقلار بىلەن كېڭەشكەن. 1811-يىلى 12-ئايدا، خۇڭ جىڭلەي باش سەردارى بولۇپ، 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشىلىك قوزغىلاڭچى قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئالدى بىلەن جياشەن ناھىيىسى يامۇلىغا ھۇجۇم قىلىپ، ھاكىمىنى ئۆلتۈرگەن، ئارقىدىن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى جەنۇب بىلەن شىمالغا بۆلۈنۈپ، بوشەن، گوشەن قاتارلىق 8 شەھەرنى ئىشغال قىلغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئەنجۇ ۋىلايىتىدە ھۆكۈمەت قوشۇنىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كېلىپ، دىڭجۇ ۋىلايىتىگە چېكىنگەن، ھۆكۈمەت قوشۇنى بىر تەرەپتىن يالغاندىن كەمبەغەل دېھقانلارنى يۆلىگەن بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسكەر كۆپەيتىپ، قوزغىلاڭنى باستۇرغان. كېيىنكى يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ھۆكۈمەت قوشۇنى دىڭجۇ ۋىلايىتىنى قايتۇرۇۋالغان، خۇڭ جىڭلەي قاتارلىقلاr باتۇرلارچە قۇرباب بولغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ لى سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاساسىنى خېلىلا ئاجىزلاشتۇرغان.