Uyghur主要词典
خۇفىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىغا ئەمەل قىلىدىغان تۆت سۈلۈكنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. <خۇفىيە> دېگەن ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <خۇپىيانە>، <پەس> دېگەنلىك بولۇپ، بۇ سۈلۈك كەلىمە سانانى پەس ئاۋازدا (خۇپىيانە) ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ سۈلۈك جۇڭگودا 1662 - يىلىدىن 1722 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا پەيدا بولغان. بۇنى دەسلەپ قۇرغان ئادەم ھەققىدىكى گەپلەر بىر خىل ئەمەس. ئومۇمەن گەنسۇ لىنشالىق مالەيچى قۇرغان دەپ قارىلىدۇ. بۇ سۈلۈكنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، <شەرىئەت> بىلەن <تەرىقەت> كە تەڭ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەم ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەم بەش پەرز ئاساسىدا ئىستىقامەت قىلىشنى، ئەتىگەندە، كەچتە كەلىمە سانانى ئاۋاز چىقارماي ئوقۇشنى، كەچتە نەپلە ئىبادەت قىلىشنى، ئىمام زىكر سېلىشنى مۇخلىسلارغا مەخپىي ئۆگىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ رامىزان ئېيى تۈگىگەندە ئاۋۋال روزىنى ئېىپ، ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ، دىنىي خىزمەت قىلىدىغانلار مۇرىشىد، خەلىپە ۋە مۇرىد دەپ ئايرىلىپ، گۈمبەزدە ئستىقامەت قىلىدۇ. ئاخۇن، موللا ئىستىقامەت قىلمايدۇ. مەسچىتتە شەرىئەت بىلەن تەرىقەتكە تەڭ ئەمەل قىلىشى لازىم. دىنىي پەرزلەرگە ئازراق ئالاھىدلىكلەرنى قوشقان (مەسىلەن، دۇئا - تىلاۋەت قىلغاندا 110 دانە تاش ئېلىۋېلىش كېرەك). بۇ سۈلۈكنىڭ <خۇاسى>، <مۇپتى>، <بى جاچياڭ> قاتارلىق 20 نەچچە شۆبە سۈلۈكى بار. سۈلۈكلەر ئارىسىدا سىلسىيە مۇناسىىۋىتى يوق. دىننى مۇستەقىل تەرغىب قىلىدۇ. بۇ سۈلۈكنىڭ ئادەملىرى ئاساسلىقى بولۇپمۇ گەنسۇدىكى لىنشا، لەنجۇغا تارقالغان.