Uyghur主要词典
خۇگېنو ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
يەنى دىنىي ئۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1562 - 1594 - يىللىرىدىكى فرانسىيە خۇگېنوچىلار بىلەن كاتولىك ىدنى گۇرۇھلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ كالۋىن دىنى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي جەنۇبىي قىسىمىلرىدا كەڭ تارقالغان، بۇنىڭ فرانسىيىدىكى مۇرىتلىرى خۇگېنوچىلار دەپ ئاتالغان. بۇنىڭغا بۇرژئازىيە ۋە شەھەر قول سانائەتچىلىرى شۇنىڭدەك كاتولىك دىنى جگمئىيەتلىرىنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ئاقرىلىق ئۆز يېنىنى چىڭداش قەستىدە بولغان بىر قىسىم فېئودال ئاقسۆڭەكلەر قاتناشقان. خۇگېنوچىلاrنىڭ باشلىقى ئانتونى بۇربون (1518 - 1562)، ھېنرى (ناۋاررالىق) ۋە كولنى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ كۆپچىلىكى كاتولىك ىدنىغا ئېتىقاد قىلغان، بۇلارنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى ھېنرى گېيسې قاتارلىقلار. فرانسىيە ئاقسۆڭەكلىرى بارا - بارا ئىككى چوڭ گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1562-يىلى 3-ئايدا، فرانسىس گېسې ۋاسې بازىرىدا خۇگېنچولارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاچقا، ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان. ئۈچ قېتىملىق ئۇررۇش (1562 - 1563، 1567 - 1568، 1568 - 1570) تىن كېيىن ئىككى تەرەپ يەنى 1570 -يىلى ياراشقان. 1572-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى كاتولىك دىنى گۇرۇھى پارىژدا سىت. بارتولومىۋ قانلىق ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، خۇگېنو مۇرىتلىرىدىن 2 مىڭدىن ئوشۇق كىشىنى قىرغىن قىلغان، شۇنداق ىلىپ، يەنە ئۇرۇش كېلىپ چىققان. 1576-يىلى خۇگېنوچىلار فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا ئىتتىپقا قۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە شىمالىي تەرەپتىن ئايرىلىپ چىققان. شۇ يىلى، شىمالدىكى كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى كاتولىك دىنى ئىتتىپاقىنى قۇرغان. ئىچكى ئۇرۇش تېخىمۇ كەسلىنلەشكەن. ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ مۇ فرانسىيىگە قوشۇن ئەۋەتىپ كاتولىك دىنى گۇرۇھىغا ياردەم بەرگەن. ئۇرۇش ئاپىتى خەلقنىڭ ئازابىنى ئېغىرلىتىپ، دېھقانلار ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان. بۇنىڭدىن كۆلىمى ئەڭ زور بولغىنى كروچانت قوزغىلىڭىدىن ئىبارەت. كېيىن ئىككى چوڭ ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى ئورتاق سىنىپىي مەنپەئەتنى قوغداش ئۈچۈن مۇرەسسەگە كەلگەن. 1593-يىلى فرانسىيە پادىشاھى ھېنرى Ⅳ كالۋىن دىنىدىن ۋاز كچىپ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، ئىككىنچى يىلى پارىژدا رەسمىي تاج كىيىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئېتىراپ قىلغان پادىشاھقا ئايلانغان ۋە خۇگېنو ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن. 9815-يىلى ھېنرى Ⅳ <نانتې پەرمانى> نى ئېلان قىلغان، بۇ پەرمان ئەمەلىيەتتە كاتولىك دىنى گۇرۇھى بىلەن خۇگېنوچىلار تۈزگەن مۇرەسسە خاراكتېرىدىكى سۈلھ شەرتنامىسىدىن ئىبارەت.