Uyghur主要词典
خۇدا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ياراتقۇچى، ئاللا، تەڭرى:
خۇدا بىزگە فەرزەند قىلدى ئەتا،
يېتىپ پىرلىق بولدىم ئەمدى فەنا.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە، دۇنيانى ياراتقان ۋە ئۇنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان زات، ئىسلام دىنىدا ئىلاھ.
خۇدا قارغۇغا قانداق قارىسا، قارىغۇمۇ خۇداغا شۇنداق قارايدۇ.ئاللانىڭ ئالقنىدىكىدىن باشقىنى سورىما. ئاللاتائالا تۈلكىگە ئارسلاننىڭ ھەيۋىسىنى بەرمىگەي. با رەببى، ئۆز پاناھىڭدا ساقلا. رەببانا بەرمىگەننى موللا نەدىن بىرەر. ئىلاھا، تازغا تىرناق بەرمىگەيسەن. تەڭرى گۆشنى چىشى يوققا بىرەر. تەلۋە ئات مىنسە تەڭرىنى ئۇنتار. ياخشىلىق قىل، بالىق بىلمىسە، خالىق بىلەر. ھەقتائالا بەرمىگەننى باي بەرمەس. ياراتقان ئىگەم، مەن ساڭا دوست، كەلگەن بالانى توس. ياراتقان ئىگەم يار بولسا، يەر يۈزى ياۋ بولسىمۇ مەيلى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بۇ يەردە، ئومۇمەن ئىلاھ، ياراتقۇچى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
بەندە
ياراتقۇچىنىڭ قۇلى.
خۇدادىن نالىما، بەندىدىن رەنجىمە. يا خۇدادىن قورقمىغان، يا بەندىدىن ھېيىقمىغان. خۇدانىڭ بەزى كۈنلىرىدىن ئۆرگىلەي، بەزى كۈنلىرىنىڭ كۆتىگە تېپەي. ئاللانىڭ ئالىقىنىدىكىدىن باشقىنى سورىما. ھەق سۆزلە، بەندىگە ياقمىسا، ئاللاغا ياقىدۇ. ئاللا بەرسىمۇ، ئاغزىڭغا سېلىپ قويمايدۇ. ئانىسىدىن كەچكەن ئاتىسىدىنمۇ كېچەر. ياخشىلىق قىل، بەندىدىن يانمىسىمۇ خۇدا كۆرەر.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پارسچە سۆز بولۇپ، مەنىسى <بەھۇزۇر بولغۇچى>، <غەم - ئەندىشىسىز بولغۇچى> دېگەنلىك بولىدۇ. دۇنيادىكى بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئاللانى شۇ نام بىلەن ھۆرمەتلەپ تىلغا ئالىدۇ.