Uyghur主要词典
خۇجىلى
دۇنيا تارىخى
(1336 - 1407) ۋيېتنام خۇ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئاتا - بوۋىسى جۇڭگو جېجياڭلىق بولۇپ، Ⅹ ئەسىردە ۋيېتنامغاكۆچۈپ بارغان، تۆتىنچى ئەۋلاد بوۋىسىنى لى شۈن بېقىۋالغانلىقتىن، فامىلىسى لى بولۇپ قالغان، شۇڭا لى جىلى دەپمۇ ئاتالغان. خانىكىنىڭ شىرەم تۇغقىنى. 1387-يىلى مۇئەككەللىككە تەيىنلەنگەن، 1395-يىلى يانداش خەلپەت بەگلىكىگە، ساداقەتمەن پاسىبان خان دېگەن نامغا ئىگە بولۇپ، بارا - بارا چوڭ ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. 1400-يىلى چېننىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، يىلنامىسىنى شىڭ يۈەنگە، دۆلەت نامىنى دايۈگە ئۆزگەرتكەن، خۇ فامىلىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خۇ سۇلالىسىنى قۇرغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تەختىنى ئوغلى خەنساڭغا بېرىپ، ئۆزى شاھىنشاھ بولۇپ، بىرلىكتە ھاكىمىيەت سورىغان. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋە تەختكە چىققان مەزگىللىرى ئىچكى جەھەتتە چىن سۇلالىسىنىڭ كۈچلىرىگە رەھىمسىلزىك بىلەن زەربە بېرىپ، <تېىرلغۇ يەرلەرنى چەكلەش> ۋە <قۇللارنى چەكلەش> سىياسىتىنى يولغا قويغان، باجنى دارمەتكە قاراپ ئالغان، شۇنىڭدەك پۇل تارقىتىپ، ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، يول، ئۆستەڭلەرنى ياسىغان. سىرتاق قارىتا تاجاۋۇزچىلىق يۈرگۈزۈپ، زېمىنىنى ھازىرقى گۇاڭنەن، گۇاڭيى رايونلىرىغىچە كېڭەيتكەن. 1407-يىلى جۇڭگو مىڭ سۇلالىسى تەختىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋيېتنام چىن سۇلالىسى خان جەمەتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئەسكەر چىقىرىپ خۇ سۇلالىسىنى يوقاتقان ۋە خۇجىلىنى ئەسىرگە ئېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.