Uyghur主要词典
خۇدا بۇيرۇسا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خۇدا ماقۇل كۆرسە، رۇخسەت بەرسە.
خۇدا بۇيرۇسا، ئەتە بارىمەن. بۇ ئىش تەس ئەمەس، خۇدا خالىسا، ئىككى _ ئۈچ كۈن ئىچىدە تۈگەيدۇ. خۇدا نېسىپ قىلسا، قورساق توق، كىيىم پۈتۈن كۈنلەرنىمۇ كۆرەرمىز، دەيتتۇق، ھازىر بۇ كۈنلەرنى كۆرۈۋاتىمىز.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئامان بولسا، ۋاقتى - سائىتى، پەيتى كەلگەندە: - بالا بېقىشنى ئۆگەندىم، خۇدا بۇيرۇسا، يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن ھويلا سۈپۈرۈپ، سۇ توشۇشىنمۇ ئۆگىنىپ قالىدىغان ئوخشايمەن، - دەپ بېرىپتۇ ئەپەندىم ئۇ كىشىگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئامان بولسام، پەيتى كەلگەندە.
خۇدا بۇيرۇسا، يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن خېلى ئىشلارنى ئۆگىنىپ قالىدىغان ئوخشايمەن.