Uyghur主要词典
خروتاكوكى
دۇنيا تارىخى
(1878 - 1948) ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1936 - 1937). ئۇرۇش جىنايەتچىسى. 1906 - يىلى توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. تاشقى ئىشلار ۋازارىتىدە ئۇزاق مۇددەت ۋەزىپە ئۆتىگەن. گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل (1927 - 1930 - يىللىرىدا) سوۋېت ئىتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچى (1930 - 1932 - يىللىرىدا) بولغان. 1933-يىلى 9-ئايدىن 1936-يىلى 2-ئايغىچە سائىتو، ئوكادا ئىچكى كابىنېتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1935-يىلى 10-ئايدا <خروتا ئۈچ پرىنسىپى> نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتنى پائال پىلانلىغان. 1936-يىلى <26-فېۋرال> ۋەقەسىدىن كېيىن، ھەربىي قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. جەنۇبقا ۋەشىمالغا تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان <دۆلەت سىياىسىتنىڭ تۈپ ئۆلچىمى> نى تۈزگەن. 1937-يىلى 1-ئايدا ئىچكى كابىنېت ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 6-ئايدا يەنە كونوې ئىچكى كابىنېتىدا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، جۇڭگوغا قارشى قاتتىق تاجاۋۇزچىلىق فاڭجېننى قوللانغان. كېيىن مۇھىم ۋەزىرلەر يىغىنىغا كۆپ قېتىم قاتنىشىپ، نۇرغۇن چوڭ - چوڭ سىياسەتلەرنى تۈزۈشكە ئارىلاشقان. ئۇرۇتىن كېيىن <A> دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى قاتارىدا قولغا ئېلىنغان. 1948-يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىلغان.