Uyghur主要词典
خروماتىد
بىئولوگىيە
خروموسومىنىڭ نۇسخىلىنىشىدىن ھاسىل بولىدىغان، ئوخشاش بىر يىپلىنىش دانىچىسىگە تۇتىشىپ تۇرىدىغان ئىككى تال بالا خروموسوما بولۇپ، ئاچا - سىڭىل خروماتىدلارمۇ دېيىلىدۇ. يىپلىق بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنقى دەۋرىنىڭ ئاخىرى ۋە ئوتتۇرا دەۋرىدە ھەمدە سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشنىڭ قوش يېپىقلىق مەزگىلى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشىنىڭ ئوتتۇرا دەۋرىدىكى خروموسومىلاردا كۆرگىلى بولىدۇ. بۆلۈنۈشنىڭ كېيىنكى دەۋرىدە كۆرگىلى بولىدۇ. بۆلۈنۈشنىڭ كېيىنكى دەۋرىدە يىپلىنىش دانىچىسى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئىككى تال خروماتىد ئۆز ئارا ئايرىلىدۇ - دە، ئىككى تا بالا خروموسوما ياكى خروموسومىغا ئايلىنىدۇ.